User:Qarluq/sandbox/تىبەت فوندى

From Wikipedia, the free encyclopedia

تىبەت فوندى ھەققىدە

   تىبەت فوندى باش شتابى نىيۇيوركقا جايلاشقان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات بولۇپ ، 1981-يىلى دالاي لاما باشچىلىقىدا قۇرۇلۇپ كېيىن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. 

تىبەت فوندى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى مەنبەلىرىدىن بىرى بولۇپ سەھىيە، مائارىپ، مۇساپىرلار ياردىمى، مەدەنىيەت قوغداش، ئىقتىسادى تەرققىيات قاتارلىق ساھەلەرگە ئىقتىسادى جەھەتتىن مەسئۇل بولۇپ مۇساپىرچىلىقتىكى تىبەتلەرنىڭ تىل-مەدەنىيىتىنى قوغداش، تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خەلقارادا چېگرىدىن كىرىپ چىقىش ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناۋاتىدۇ. تىبەت فوندى تۆۋەندىكى فونكىسىلەرنى يۈرگۈزىدۇ : تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ ئىقتىساد مائارىپ، دىن، مەدەنىيەت خاسلىقىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستان نېپال ۋە بۇتاندىكى تىبەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە گۈللەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىش. تىبەت مەدەنيىتى ۋە تىبەتلىك سالاھىيىتىنىڭ دۇنيا مىراسىدا ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە بىر مەدەنىيەت تۈر بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ياردەمدە بولۇش تىبەت ئۆسمۈرلىرى ، راھىبىلىرى ۋە ئىگە چاقىسىز يىتىم ، ياشانغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش تىبەتلىكلەرنىڭ نەتىجە قازىنىشى ۋە تونۇلۇشىغا ياردەم بېرىش تىبەت فوندى تىبەت خەلقىنىڭ 50 يىلدىن بۇيانقى مۇساپىرلىق ۋە مۇستەملىكە قىلىنىش ھاياتىدىكى ئالاھىدە جاسارىتى ۋە ئەقىل پاراسىتىنىڭ ھىكايىسى. بۇ بىر مىللەتنىڭ، بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئەقەللى ياشاش ھوقۇقىنىڭ ھىكايىسى. تىبەت فوندى تىبەر سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مالىيە، سەھىيە، مائارىپ ئائىلە ۋە دىنى ئىشلار مىنىستىرلىكلىرى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىغان بولۇپ، ھىندىستان، نېپال ، بۇتاندىكى تىبەتلەرنىڭ قىيىنچىلىقتىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەمدە بولىدىغان، ئائىلە جەم بولۇش، خىزمەت تېپىش، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىغا ياردەم بېرىدىغان ئورگان. تىبەت فوندى كىرىم مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن كاپالەتلىك قەرز ۋە ئىئانە قوبۇل قىلىش شەكلى بىلەن مەبلەغنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا، مۇساپىرلىقتىكى تىبەتلەرنىڭ ئ‍ۇيۇشچانلىقى ۋە مىللى ئېڭىنى تىكلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىقا تىرىشىدۇ. 1991-يىلىدىن بۇيان تىبەت فوندى ئامېرىكا كۆچمەنلەر ئىدارىسى ياۋروپا مۇساپىرلار فوندىنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلىپ كەلدى. 1989-يىلىدىن بۇيان يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت ئوقۇش مۇكاپاتىنى مالىيە جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. بۇ ئىككى خىل ياردەم مۇساپىرەتتىكى تىبەتلەرنىڭ ھاياتىنى كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ۋە تىبەت كەنتلىرىنى بەرپا قىلىشقا زور تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە تىبەت فوندى باشقا فوند ۋە ئىئانىچىلەرنىڭ ياردىمىدە ئولتۇراق ئۆي، كومپىيۇتېر تەجرىبىخانىسى، قۇياش ئېنىرگىيىسى، يېزا ئىگىلىك ۋە سەھىيە ساھەسىدە نۇرۇغۇن تۈرلەرنى يولغا قويۇپ تىبەتلەرنىڭ كەسپى ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ساھەسىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 1994-يىلى تىبەت فوندى تىبەت ياردەم فوندىنى يولغا قويۇپ مۇساپىرلىقتىكى تىبەت خەلقىنىڭ ساغلاملىق ، مائارىپ ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. خەلقارا ۋە تىبەت ئاساسى قاتلام تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە دارىلتام، يىراق مۇساپىلىك دوختۇرخانا قاتارلىقلارنى قۇرۇپ مەدەنىيەت -مائارىپ تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئونمىڭلىغان تىبەتلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاپ تىبەت فوندىنىڭ قان تولۇقلۇغۇچىلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. . ...


References[edit]

External links[edit]


[[Category:تىبەت]